تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ 72-تۈركۈمدىكى كېڭەيتىلگەن ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈۋالدى.
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيە كوماندانلىقىغا قاراشلىق 181-جېت ئېسكادرا كوماندىرلىقى ناتو نىڭ 72-تۈركۈمدىكى كېڭەيتىلگەن ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal دىكى ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا ئارمىيە كوماندىرلىقىغا قاراشلىق 181-جېت ئېسكادرا كوماندىرلىقى 29-ئىيۇل كۈنى ئېستونىيەنىڭ ئامارى  ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تولۇق ئاياغلاشتۇرغان.

كوماندىرلىقنىڭ 30- ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى ئاتراپنى تونۇش ۋە ئايلىنىش ئۇچۇشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى، پىلانلىق يىغىنلار ۋە بارلىق تەييارلىقلارنىڭ پۈتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«31-ئىيۇل كۈنى ئېستونىيە تەرەپ تەشكىللىگەن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا ناتو ۋەكىلى (ھاۋا قوماندانلىق-كۆزىتىش يېتەكچىسى) ئالباي كېيىس د. ئامكېي،  ئېستونىيە قوراللىق قۇۋۋەتلەر مىنىستىرى ھاننو پەۋكۇر، پورتۇگالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ژوئاۋ نۇنو دپ لاسىئەردا تەيكسېيرا دپ مېلو، تۈركىيە ۋەكىلى، تاللىن باش ئەلچىسى باشاق تۈركئوغلۇ ھەمدە ھاۋا ئارمىيە كوماندانلىقى خادىملىرى قاتناشتى. 181-جېت ئېسكادرا كوماندىرلىقىمىز 2026-يىلى 1-ئاۋغۇستتا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 09:00 دىن باشلاپ ناتو نىڭ 72-تۈركۈمدىكى كېڭەيتىلگەن ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە 24 سائەتلىك يۇقىرى تەييارلىق بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىنىدىغان بولۇپ، ناتو ۋە ئېستونىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ۋەزىپىلەر ئورۇنلىنىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىن قارسقا ئايروپىلان قاتنىشى باشلاندى
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ترامپ: ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىزنى نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە ئاچىدۇ
گىرېتسىيەدىكى ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى 3 كە يەتتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا جازا بەردى
مىنىستىر فىدان ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ھەييە ۋە ئۇنىڭ ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بارغان يېڭى ھۇجۇم دولقۇنىنى تاماملىدى
رۇسىيە تېلېگرام (Telegram) نىڭ قۇرۇغۇچىسى دۇروۋغا قارىتا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى
ئىراق باش مىنىستىرى ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن جىددىي بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىقى
قىبرىستا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يېتەكچىلىكىدە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت باشلاندى
ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان روبوتلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپى دەپ جاكارلىدى
يېڭى رېكورت: ئايروپىلان 24 سائەت ھاۋا بوشلۇقىدا تۇردى