خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
يېڭى رېكورت: ئايروپىلان 24 سائەت ھاۋا بوشلۇقىدا تۇردى
Qantas ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «Airbus A350» تىپلىق ئايروپىلان مېلبۇرندىن قوزغىلىپ 24 سائەت 24 مىنۇتتىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ تۇلۇز شەھىرىگە قوندى.
يېڭى رېكورت: ئايروپىلان 24 سائەت ھاۋا بوشلۇقىدا تۇردى
يېڭى رېكورت: ئايروپىلان 24 سائەت ھاۋا بوشلۇقىدا تۇردى

شۇنىڭ بىلەن، بۇ سودا ئايروپىلانى ئەڭ ئۇزۇن ئۇچقان ئايروپىلان بولۇپ قالدى.

قوشۇمچە يېقىلغۇ باكىغا ئىگە ئايروپىلاننىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ئۈستىدىن كېسىپ ئۆتكەن 23 مىڭ 75 كىلومېتىرلىق يۆنىلىشتە، ھېچ توختىماي 24 سائەت 24 مىنۇت ھاۋادا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچۇش تۇلۇزدىكى زاۋۇتقا قونۇش بىلەن تاماملاندى.

مەزكۇر ئۇچۇشنىڭ، 2005-يىلى «Boeing 777-200LR» بىلەن خوڭكوڭدىن لوندونغا تىنچ ئوكيان ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان 22 سائەت 42 مىنۇتلۇق ئىلگىرىكى رېكورتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇچۇش ئىز قوغلاش سۇپىسى Flightradar24، بۇ سەپەرنىڭ سۇپا ئۈستىدە ئەڭ كۆپ ئىز قوغلانغان ئىككىنچى ئۇچۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تەخمىنەن 3 مىليون 600 مىڭ كىشىنىڭ ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشىنى نەق مەيداندىن كۆزەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھورمۇز ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى
ئۇكرائىنا كېچە بويىچە رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 12 كىشى يارىلاندى
ئىران: «ئۇكرائىنا پات يېقىندا ئىراننىڭ ھېچبىر جىنايەتنى جاۋابسىز قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ»
ئەھمەد شەرا ئەردوغاننىڭ سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكادىكى يېمەك-ئىچمەك فېستىۋالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەگە قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلدى
توقايېۋ پۇتىنغا «ئىستانبۇل فورمۇلاسى 2.0» غا قايتىش چاقىرىقىدا بولدى
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا