رۇسىيە فېدېراتسىيسى بىخەتەرلىك خىزىمىتى (FSB) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېگرام باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قانال ۋە بوتلارنى ئۆچۈرمىگەنلىكى تەكىتلەندى.
دۇروۋغا قارىتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى دائىرىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئۇكرائىنا ئىستىخبارات خىزىمەتلىرى بىلەن تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا يۈزلەنگەن تەشكىلاتلارنىڭ، تېلېگرامدىكى ئىنتايىن كۆپ ساندىكى قانال، سۆھبەت گۇرۇپپىسى ۋە بووتلارنى رۇسىيەدە بۇزغۇنچىلىق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىقلار ھەمدە تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى تەييارلاش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيەدە، تېلېگرامغا ئىلگىرى كىرىش چەكلىمىسى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، شىركەتكە جەمئىي 100 مىليون رۇبلىدىن ئارتۇق جىرامانە جازاسىمۇ بېرىلگەن ئىدى.
پىرېزىدېنتلىق سارايى كىرېملنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پەسكوۋمۇ 27-ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېلېگرامنىڭ قايتىدىن تولۇق ئىقتىدارى بىلەن خىزمەت قىلىشىغا دائىر ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ مۇساپىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
تېلېگرام، رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇچۇرلىشىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



















