دۆلەتنىڭ ئىگە بولغان ھەربىي ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلغان بۇ كۆرگەزمە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ 12-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدا تەخمىنەن 10 بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رەھبەر كىم جوڭئۇننىڭ پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈرلۈك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن مۇھىم قورال سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئېتىش كۈچى كۆرگەزمە قىلىنغان «ئۇچقۇچىسىز ھاۋا تېخنىكىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش 2026» ناملىق بىر كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خەۋەردە: «ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىدىغان تاكتىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار، كۆپ مەقسەتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن ئېتىلىدىغان ۋە ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان بومبىلار شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، نىشاندىكى كىچىك ئارالنى 100 پىرسەنتلىك ئېنىقلىق بىلەن ئۇردى» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت، «‹مەرگەن› دەپ ئاتالغان 600 مىللىمېتىر كالىبىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆپ نولۇق راكېتامىيوتنىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئامما ئالدىدا سىناق قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.
كىم جوڭئۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىدا «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك» چاقىرىقى قىلىپ، بۇنىڭ «زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان خاراكتېرى كۆزدە تۇتۇلغاندا ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر تاللاش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە ھاۋا ھەربىي مانىۋېرلىرىنى تەنقىد قىلدى.
مىنىستىرلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ «ئىشىكى ئالدىدا» پات-پات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، «پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن بولغان كۈتۈلمىگەن بىر قوراللىق توقۇنۇشنى قوزغاش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
باياناتتا، «ئەڭ ئوچۇق توقۇنۇش نىيىتىنىڭ، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ئەڭ ئېنىق ئىرادىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» تەكىتلەندى.
مىنىستىرلىق: «قوراللىق قىسىملىرىمىز، تەھدىتلەرنى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق پۈتۈنلەي توسىدۇ ۋە پەقەت دۈشمەن دۆلەتلەرلا چۈشىنەلەيدىغان بىر ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.




















