خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
قاتار مەسئۇللىرى غايەت زور پارتلاشتىن كېيىن 54 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 18 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى / Reuters

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قاتارنىڭ راس لاففان سانائەت شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا مېخانىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن چوڭ پارتلاش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، 54 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە 18 كىشىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاممىۋىي مۇداپىئە ئەترەتلىرى ۋە ئالاھىدە قۇتقۇزۇش قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى ئاخشامدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

مىنىستىرلىق سانائەت رايونىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ بىرىدە مەشغۇلات جەريانىدا مېخانىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. بىراق ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدىغان بىرەر يوشۇرۇن گاز قېچىش ۋەقەسىنىڭ خاتىرىلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۆزىنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچرىدا: «راس لاففان سانائەت رايونىدىكى زاۋۇتلارنىڭ بىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە يارىدارلارنىڭ سانى 54 كە يەتتى. ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قاراشلىق قاتار خەلقئارالىق ئىزدەش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، ئاممىۋىي مۇداپىئە ئەترەتلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا يوقاپ كەتكەن 18 كىشىنى ئاقتۇرۇش خىزمىتىنى جىددىي باشلىدى» دېدى.

جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى، ئوت ئاپىتىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ ئۆچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

مەسئۇللار پارتلاشنىڭ ئىچكى مەنبەلىك مېخانىكىلىق بىر مەسىلە تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى، راس لاففان زاۋۇتى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى ئۇرۇشتا ئىلگىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت قاتارنى گاز ئىشلەپچىقىرىشنى مەجبۇرىي توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز  ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان قاتار، 2-مارتتا ھالقىلىق ئەسلىھەلەرگە قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان ئىدى.

قاتار ئېنېرگىيە مىنىستىرى سائاد ئەل-كائابى ئەينى چاەغدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 18-مارتتىكى ھۇجۇملار تۇغدۇرغان قوشۇمچە تالافەتنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت ئىقتىدارىنى %17 نىسبىتىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئوڭشاش خىزمىتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran missile attack strikes Ras Laffan, Qatar reports 'extensive damage'
ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى