ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، «ئەل-خېلىل ئەتراپىدىكى قانۇنسىز كارمېي تىزۇر ئولتۇراقلىشىش رايونىغا ھۇجۇم قىلماقچى ئىدى» قىلدى دېگەن باھانە بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
باياناتتا، 636-قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونى ئەتراپىدا بىر گۇرۇپپا پەلەستىنلىككە قارىتا ئوق چىقارغانلىقى، ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئارمىيە تەرەپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەسكەرلەر ئوق چىقىرىشتىن بۇرۇن مەزكۇر ئولتۇراقلىشىش رايونىغا مولوتوف ئاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرتدى ۋە ئىسرائىلىيە كۈچلىرىدىن ھېچكىمنىڭ يارىلانمىغانلىقى بىلدۈردى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى رايوندا قوشۇمچە گۇماندارلارنى تېپىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئاقتۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى باشلىغان.

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يەنە ۋەقە جەريانىدا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونى يېقىنىدىكى بىر ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن تەرەپ ۋەقەگە ئائىت ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.
ئىسرائىلىيە، 1967-يىلىدىن بۇيان غەربىي قىرغاقنى ئۆز ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.
ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس بۇنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغاندا، مەزكۇر رايوندا تەخمىنەن ئۈچ مىليون پەلەستىنلىك پۇقرا بىلەن بىرگە، 500 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن ياشايدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىنقى كۈنلەردە، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سادىر قىلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ رېكورت سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ۋە كۈندە ئوتتۇرىچە ئالتە قېتىمدىن ئارتۇم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ ياكى يارىدار قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.
پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئەۋج ئالدۇرۇلغان جىددىيچىلىكتە 1169 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلۈپ، 12 مىڭ 666 پەلەستىن يارىدار قىلىنغان. 23 مىڭ كىشى نازارەتكە ئېلىنىپ، 33 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي - ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن.















