ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتىكەسپىي مېھمانساراي باشقۇرغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خاقان سائاتچىئوغلۇ: خۇددى ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاشلا، زاكاز قىلىش تەلىپى ناھايىتى كۆپ بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئەھۋال ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بىز نىشانلىغان سانغا ئىنتايىن يېقىنلىشىمىز دەپ ئويلايمىز.
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى

بۇ يىل ئەڭ كۆپ رۇسىيەلىك، گېرمانىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان ئانتاليادا، ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ ساياھەتچىلىك تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى.

كەسپىي مېھمانساراي باشقۇرغۇچىىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خاقان سائاتچىئوغلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 4 مىليون 800 مىڭ مېھماننى كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىش مەزگىلىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ كۆزىتىش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان سائاتچىئوغلۇ مۇنداق دېدى:

«مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ زاكازلار ئېچىلدى. خۇددى ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاشلا، زاكاز قىلىش تەلىپى ناھايىتى كۆپ بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئەھۋال ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بىز نىشان قىلغان سانغا ئىنتايىن يېقىنلىشىمىز دەپ ئويلايمىز. تىزىملىك تەرتىپى ئۆزگەرمىدى، رۇسىيەلىكلەر 450 مىڭ كىشى بىلەن يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا گېرمانىيەلىكلەر بار، گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىدا %10 لىك ئېشىش بولدى. ئانتاليادا 390 مىڭ گېرمانىيەلىك مېھماننى كۈتۈۋالدۇق. ئۈچىنچى ئورۇندا ئەنگلىيە، تۆتىنچى ئورۇندا پولشا بار. ئالدىنقى يىلىمۇ تىزىملىك تەرتىپى مۇشۇنداق ئىدى.»

سائاتچىئوغلۇ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى زاكازلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئۇرۇشى مۇساپىسىنى ساياھەت ساھەسىدىكىلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان سائاتچىئوغلۇ: «مېھمانساراي باشقۇرغۇچىلىرىمىز ناھايىتى تېز ماسلاشتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرىمىز بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئالدىن زاكاز قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتتۇق. راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۆتكەن يىللاردا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن بولۇپمۇ ئۇكرائىنا بازىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن سائاتچىئوغلۇ: «ئۇكرائىنا بازىرىدا ئالدىنقى يىلى %20 لىك ئېشىش بولغان ئىدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىلىمۇ يەنە %20 لىك ئېشىش بولدى، بۇ يىلمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز. باشقا بازارلارمۇ ئالدىنقى يىلى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى