ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن بولغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسىنىڭ بۇرۇنقى باھاغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن باھاغا تۆۋەنلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ سايلام خىزمەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاباما ئىشتاتىغا كېتىش ئالدىدا، ئاقساراي ھويلىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ترامپ: «ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنغان ھامان،— بۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدۇ،— نېفىت باھاسى كونا سەۋىيەسىگە، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك نۇقتىغا چۈشىدۇ» دېدى.
ترامپ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دىزېل يېقىلغۇسى مەسىلىسىدە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ يېڭىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپانىڭ قولىدا ناھايىتى كۆپ دىزېل بار، ئۇلار دۇنياغا زور تۆھپە قوشىدۇ، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز ئۆزگەرمەيدۇ. ئېكسپورت چەكلىمىسى يۈرگۈزمەيمىز» دېدى.























