ئىستانبۇل (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) - تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «Trendyol 2026 CEV» ئاياللار ياۋروپا ۋالىبول چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئىتالىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولغان دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
تەۋسىيە
«2026-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونى بولۇپ مىللىتىمىزنى پەخىرلەندۈرگەن، مۇشۇنداق زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىمىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.»





















