پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالار رايونلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ۋە ئۆيلەرنى پارتلاتقۇچ بىلەن پارتلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ كېچىدە غەززە شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شەيخ رىزۋان مەھەللىسىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 6 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن مەھمۇد ئەلمەدھۇن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىمۇ يىراقتىن تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئۆيلەرنى پارتلىتىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۇرەيج مۇساپىرلار لاگېرىنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقان. غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرى ھەم دېڭىزدىن ھەم تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن ئوققا تۇتۇلغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە رەفاھ ۋە خان يۇنۇس شەھەرلىرىدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان چېدىرلارنىمۇ ئوققا تۇتقان.
غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2025 - يىلى 10 - ئۆكتەبىردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 1505 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 مىڭ 332 كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بولسا ھازىرغىچە 74 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 175 مىڭدىن كۆپرەكى يارىلانغان.






















