ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېلېن مېكئېنتى سۆھبەتلەرنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئالاھىدە قىلىپ يېقىن شەرقتىكى ۋەزىيەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىرلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېلېن مېكئېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا ئېلىپ بېرىشنىڭ چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «كۈچلۈك بىر سىگنال» بېرىش چاقىرىقىدا بولدى.
مېكئېنتى، ئامېرىكا مەركەزلىك X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سودا تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋىيەسىدە قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلار بىلەن سودا قىلىشقا چەك قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىشىمىز زۆرۈر»
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدىن بۇرۇن سۆز قىلغان مېكئېنتى، كۈنتەرتىپتە ياۋروپا بىخەتەرلىكى، يېقىن شەرقتىكى تەرەققىياتلار ۋە بۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ: «ھەمىشە بولغىنىدەك مۇھىم بىر كۈنتەرتىپىمىز بار» دېدى ھەمدە ئالاھىدە قىلىپ ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە يېقىن شەرقتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەكس-سادالىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
خەلقئارا سودا تەشكىلاتىدىكى ئىسلاھات ئېھتىياجى ئۈستىدىمۇ توختالغان مېكئېنتى، ئىرلاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مۇساپىسىدە بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى نىشانلار قاتارىدا تۇتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مېكئېنتى يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ھەپتە ھاسىل قىلىنغان سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارىتىلغان ئىلگىرىلەشلەردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.















