ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنستان گازىنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش يۆنىلىشىدە، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن زور پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
پرېزىدېنت ئەردوغان 2026-يىلى 22-ماي تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى لۇتفى كىردار يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل تەبىئىي بايلىقلار باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Anadolu Agency

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق تەشەببۇسى رامكىسىدا سۈرىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ باشلىنىشى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك «باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق تەشەببۇسى نەتىجىسىدە سۈرىيەگە گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ باشلىنىشى، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە قوشىدىغان تۆھپىسى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئەردوغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىر چاغلاردا «مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارالغان نۇرغۇنلىغان كەڭ كۆلەملىك تۈرلەرنى بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەزەربەيجان بىلەن باشلىنىپ، گىرۇزىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «باكۇ-تىفلىس-جەيھان» نېفىت تۇرۇبا يولى، «باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم» گاز تۇرۇبا يولى ۋە «تىرانس-ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى» (TANAP) تۈرلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئەردوغاننىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى «ئازەرى-چىراغ-گۈنەشلى» ۋە «شاھ دېڭىز» تۈرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان. «شەپەق-ئاسىمان» كان رايونىدىكى يېڭى شېرىكچىلىك بولسا، ئىككى تەرەپلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

جۇمھۇر رەئىس ئۆتكەن يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئىغدىر-نەھچىۋان» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ نەھچىۋان رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. جۇمھۇر رەئىسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە بۇلغارىيە بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش ۋە سودا» تۈرىنىڭ رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تۆھپە قوشۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

رايون خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، تۈركمەنستان گازىنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنىڭ ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنداقلا، ئۇ «باكۇ-تىفلىس-جەيھان» تۇرۇبا يولىنىڭ قازاقىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى غەرب بازارلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈنسېرى كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى تۇتقا قىلىش پىرىنسىپلىرىغا تايانغان ھالدا، قايتا ھاسىل بولىدىغان يېشىل ئېنېرگىيەنى ھەمدە ئېنېرگىيەنىڭ بارلىق باشقا ساھەلىرىدە ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدىغان ئىستراتېگىيە يولىنى تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە، تۈركىيەنىڭ 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان  31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى «COP31» باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقلىم ھەرىكىتى ساھەسىدىكى يېتەكچى ۋە ئۈلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى
ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 7 يىلدا 4,41 مىليارد لىرا مەبلەغ سېلىپ، 7.62 مىليارد لىرا تېجەپ قالدى
دۇنيا ئىسلام ئىقتىسادى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلدى
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مىنىستىرلىرى ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ۋە يېقىلغۇ كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
نېفىت باھاسى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىش پىلانى سەۋەبىدىن ئۇدا ئۆرلىمەكتە