خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش نىزامىنى يولغا قويدى
كۇئالالۇمپۇر 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە ۋە ھىندونېزىيەگە ئوخشاش بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كىرىشىگە ياش چەكلىمىسى قويغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش نىزامىنى يولغا قويدى
مالايسىيا ياش تەكشۈرۈشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئېچىشىنى چەكلىدى. / Reuters

مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئېچىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ياش ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلارغا قوشۇلدى.

مەزكۇر نىزام فېيسبۇك (Facebook)، ئىنستاگرام (Instagram)، تىكتوك (TikTok) ۋە يۇتۇب (YouTube) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە سەككىز مىليون ئىشلەتكۈچىسى بولغان سۇپىلارنىڭ ياش دەلىللەش سىستېمىسى قۇرۇشىنى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھېساباتىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نىزامغا بويسۇنمىغان شىركەتلەرگە 10 مىليون رىڭگىت (2.5 مىليون دوللار) جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىراق بالىلار چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ ئۆتسە ئاتا-ئانىلارغا جازا بېرىلمەيدۇ.

مالايشىيا ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتى بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتى رەقەملىك ئالاقىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئەمەس، بەلكى بالىلارنى تور زومىگەرلىكى، زىيانلىق مەزمۇنلار ۋە خۇمار قىلىپ قويىدىغان سۇپا لايىھەلىرىدىن قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مالايشىيا تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە ۋە ھىندونېزىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتنىڭ يولىنى بويلاپ، ياشنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىلىرىنى يولغا قويدى.

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا تىزىملىتىلىشى چەكلەيدىغان ھەمدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مۇستەھكەم ياش دەلىللەش سىستېمىسى ۋە ياشقا ماس كېلىدىغان ئىقتىدارلارنى قوللىنىشىنى شەرت قىلىدىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى تېببۇن بىلەن كۆرۈشتى
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى: ئۇرۇش دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە
نورۋېگىيە فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغان بولدى
ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى ئۈچۈن كېلەر ھەپتىلەر ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە يېڭى ھاۋا ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ئامېرىكا ب د ت مۇتەخەسسىسى ئالبانېسېغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلدى
ئامېرىكا، شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى
ئىران كۇۋەيتتكى ئامېرىكا ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
1.7 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ھاجى بولدى
مۇسۇلمانلار بېسىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستا قۇربان ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسادا جەم بولدى
ئەردوغان: «غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمغا ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۇچۇرلىرىمنى يوللايمەن»
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»