سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مەزكۇر باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەھمەد شارا ئامېرىكانىڭ جازالارنى بىكار قىلىشى دۆلەت ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «تۈپ قەدەم» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دونالد ترامپ بولسا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىقنى مۇستەھكەملەش، شۇنداقلا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگقا ئالدىن پۇرسەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلدى.
قىسقىسى، ئىككى دۆلەت رەھبىرى تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالغان ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتكە بىرلىكتە باھا بەرگەن.









