رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا زېمىنىدىكى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى، پورتلار ۋە كېمىلەرگە زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن كىيېۋ رايونىدىكى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى، يۇژنىي ۋە چورنومورسك پورتلىرىدىكى ھەربىي يۈك توشۇيدىغان ئىككى كېمىنى ھەمدە ئودېسسا رايونىدىكى بىر توك پونكىتىنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەنىڭ سوچى (Sochi) شەھىرىگە ئۇكرائىنا تەرەپتىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئۇيۇشتۇرۇلغان. رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونلۇق مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە سوچىدىكى بىر نېفىت ئامبىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ۋە نۇرغۇن بىنالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئاپەت رايونىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.




















