سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ سانكت پېتېربۇرگدا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر يېڭىلانغان تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
تىرامپنىڭ ۋەكىلى ۋىتكوف زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ

ئاكسىيوس تورىغا سۆز قىلغان ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىتكوف بۈگۈن رۇسىيەنىڭ سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ. ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر كۆرۈشۈشكە تور ئارقىلىق قاتنىشىدۇ.

ئەمەلدار ۋىتكوفنىڭ 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر يېڭىلانغان تەكلىپنى پۇتىنغا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يېڭى تەكلىپنىڭ بىۋاسىتە ئۈچ تەرەپلىك ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كۆپ تەرەپلىك مۇزاكىرىلەرگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر «رامكا كېلىشىمى» ئۈچۈن ئورتاق تەكلىپ تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۇكرائىنا يېڭى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى سۇنغان، كېيىنكى قەدەملەر ھەققىدىكى خىزمەت دەرىجىلىك مۇزاكىرىلەردە «كۈچلۈك ئورتاق تونۇش» ھاسىل قىلىنغان.

ۋىتكوف تۈنۈگۈن ئوسلودا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي، نورۋېگىيە باش مىنىستىرى يوناس گار ستۆرې، شۇنداقلا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پولشادىن تەركىب تاپقان E4 گۇرۇپپىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ترامپ ئىلگىرى زېلېنىسكىينىڭ رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغ سەرپ قىلدى، ياۋروپامۇ شۇنداق قىلدى. ياۋروپا ھازىر بۇنىڭدىن بىزار بولدى» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى
كولومبىيەدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتىشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى