«Dhaka Tribune» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باڭلادېش سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق سەھىيە مۇلازىمەتلىرى باش ئىدارىسى دۆلەتتىكى قىزىل كېسەل يۇقۇمىغا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا، بۇ دۆلەتتە 15 - مارتتىن بۇيان قىزىل كېسەلگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەن 1097 بالىنىڭ ۋە قىزىل كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان 104 بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇ مەزگىلدە، قىزىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان 190 مىڭ 663 كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇلاردىن 183 مىڭ 42 سىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى مەلۇم قىلىندى.
باياناتتا يەنە، قىزىل كېسەلگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەر سانىنىڭ 214 مىڭ 551 گە، ئېنىقلانغان قىزىل كېسەل بىمارلىرى سانىنىڭ بولسا 23 مىڭ 157 گە يەتكەنلىكى تەكىتلەندى.
باڭلادېشتا مارت ئېيىدا باشلانغان جىددىي ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا 6 ئايلىقتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلار ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان بولسا، كېيىنچە ۋاكسىنا ئەملەش جەريانى پەيدىنپەي پۈتۈن دۆلەتتە كەڭ قانات يايدۇرۇلغان ئىدى.
ئۆپكە ياللۇغى ۋە مېڭە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قىزىل كېسەل، دۇنيا مىقياسىدا ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئۆلۈملەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.




















