ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىغا تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەزكۇر ئىدارە سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىيېۋ رايونىدىكى ئوبۇخىۋ ناھىيەسىدە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بىر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئامبار ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈپ، ئالتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇم سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ بولسا خارابىلىكلەرنى تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر ئىدارىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي شىمالدىكى خاركىۋ رايونىغا جايلاشقان ئىزىيۇم شەھىرىگە قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا بەش كىشى يارىلانغان.
رۇسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن سىرت، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئۈچۈن ھەربىي ۋە قوش مەقسەتتە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان ماتېرىياللارنى توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن يۈك پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مىنىستىرلىق؛ ھۇجۇم قىلىنغان نىشانلار ئارىسىدا خمېلنىتسكىيدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، ۋولىن رايونىنىڭ كوۋېلدىكى بىر تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى شۇنداقلا ئودېسسا رايونىدىكى رېنى پورتىدا يۈك چۈشۈرۈۋاتقان ئۈچ يۈك پاراخوتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق يەنە، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ماتېرىيال توشۇۋاتقان ۋە ئودېسسا پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، كېچىدە رۇسىيەنىڭ 15 ئوخشاش بولمىغان رايونىدا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە 136 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى بايقاپ يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.




















