خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون يېقىلغۇ باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيندىن 200 مىڭ توننا دىزېل كاپالىتىگە ئېرىشتى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى

ماكرون 100 مىڭ توننىدىن قوشۇمچە دىزېل بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيندىن كاپالەت ئالدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون دۆلىتىدىكى يېقىلغۇ باھاسىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن 200 مىڭ توننا قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى.

ئېلسې سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «پۇقرالىرىمىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھالارنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە، بىۋاسىتە ۋە جىددىي تاپشۇرۇلىدىغان شەكىلدە تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتىمىز» دېيىلدى.

پىرېزىدېنت مەھكىمىسى، ماكروننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن «ئايلىق تەخمىنەن 100 مىڭ توننا دىزېل » ۋە چۈش ۋاقىتلىرىدا يېتىپ بارغان بەھرەيندىنمۇ ئوخشاش مىقداردا دىزېل بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن ۋەدىلەرنى ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئېممانۇئېل ماكرون 4 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىس قولتۇقى ئايلانما زىيارىتىنىڭ 3 - بېكىتى بولغان بەھرەينگە يېتىپ بارغان ئىدى.

ماكرون بۇ يەردە بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىيسا ئالخەلىفە تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغان ئىدى.

ئېلسې سارىيى تەرىپىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ماكروننىڭ 19 - 21 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە قاتاردا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى؛ ئۇچرىشىشلاردا رايونلۇق مۇقىملىق، ھورمۇز بوغۇزىدىكى قاتناش ئەركىنلىكى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر زىيارەت، يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت تەمىناتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھورمۇز بوغۇزىدا دېڭىز قاتنىشى ئاقساپ، رايونلۇق جىددىيچىلىكلەر ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى