ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى قوللىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى ئىسرائىلىيەگە بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
ساندېرس، ئامېرىكادىكى X شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھەقتە توختالدى.
ترامپنىڭ نېتانياھۇنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللىشىنىڭ «تاسادىپىيلىق» ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ساندېرس، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە «تۈگىمەس بىر ئۇرۇش» نى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ساندېرس: «بىر مۇستەبىت شەخس يەنە بىر مۇستەبىت شەخسنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا قېلىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان ھەربىي ياردەملىرىنى توختىتىشىغا چاقىرىق قىلدى.
ترامپ، ئىسرائىلىيەدە 27 - ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا نېتانياھۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.




















