ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس، يېقىنلىشىپ قالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ناتودا بىرلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە ئورنىتىش چاقىرىقىدا بولدى.
كايا كاللاس مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ، 29-، 30-ئىيۇن كۈنلىرى تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ھارپىسىدا، دۈشەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە ھەر بىر باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئۇنىڭ تارىخىي بىر ئۇچرىشىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛ ئەمما شۇ بىر ھەقىقەتكى، سىزمۇ ئەسكەرتكىنىڭىزدەك ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلەر ئېغىر بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش پەقەت ئىتتىپاق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەقىبلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.»
تۈركىيەنىڭ بىر قاتار گېئوسىياسىي مەسىلىلەردىكى مەركىزىي رولى سەۋەبىدىن، زىيارىتى دائىرىسىدە كېڭىيىش ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كاللاس؛ ناتونىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسلىق تېمىلار ئارىسىدا مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش، توسۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە «ئۇكرائىنا ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى» قاتارلىقلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.
ئورتاق ئارمىيە مۇنازىرىلىرى رەت قىلىندى
ئايرىم بىر ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلغان كاللاس، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتە ناتونىڭ تېخىمۇ كەڭ مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلىك ئارمىيەلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ، كېيىنچە ياۋروپا رەھبەرلىكىگە بويسۇنىدىغان باشقا بىر ئارمىيە قۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. تەھدىتلەر رايونلۇقتۇر، شۇڭا بېرىلىدىغان جاۋابمۇ رايونلۇق بولۇشى كېرەك. مۇداپىئە سېلىنمىلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ زىچ ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتونىڭ خىزمەت تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زىچ ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كاللاس، ئىتتىپاق قۇرۇلمىسىدىكى «ياۋروپا تۈۋرۈكى» نى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. كاللاسنىڭ قارىشىچە، بەزى ھەربىي ئىقتىدارلارنى بىر دۆلەتنىڭ يالغۇز قولغا كەلتۈرۈشى بەك قىممەتكە چۈشىدىغان بولغاچقا، ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق سېتىۋېلىش پىروگراممىلىرىغا يېتەكلەنمەكتە
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەربىي تېخنىكىلارغا ئوخشاش ساھەلەردە مۇھىم تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن كاللاس: «ئىقتىدار، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇداپىئەسىگە ئوخشىغان يېڭى قابىلىيەتلەر مەسىلىسىدە ئۇكرائىنادىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز ناھايىتى كۆپ.»
«تۈركىيە تىنچلىق ئورنىتىلىشىدا ئالدىنقى قاتاردىكى رولغا ئىگە»
تۈركىيە ئارمىيەسىنى «ناتونىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسى» دەپ تەسۋىرلىگەن كاللاس، دۆلەتنىڭ «ناھايىتى كۈچلۈك بىر مۇداپىئە سانائىتى» گە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىكى ۋە رايونلۇق مۇقىملىقتا «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يېتەكچى رولى» بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. كاۋكاز رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئومۇمىي خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان كاللاس: «تۈركىيە بىلەن بۇ سۆھبەتلەرنى چوقۇم ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى.
قىبرىس مەسىلىسىنىڭمۇ ئەنقەرە بىلەن بىريۇسسېل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم بىر تېما بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان كاللاس، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تىنچ يول بىلەن بىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلىشى نۇرغۇن تۈگۈنلەرنى يېشىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
كاللاس كۆچمەنلەر، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر شېرىكتۇر. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ۋە كاۋكاز رايونلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۈملىدىن تۈركىيە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەر ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق مەسىلىلەردە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر شېرىكتۇر. ئوتتۇرا شەرققە نەزەر سالغىنىمىزدا، تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىمۇ رولى بار. بۇ زىيارەت بىرلىكتە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى بايقاشنى مەقسەت قىلىدىۇ.»
«ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ»
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان كاللاس، ياۋروپانىڭ ھەم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەم ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ كۆرگىنىمىز، زورلۇق تەرەپدارى كۆچمەنلەر ۋە قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش رايونلىرى ئەمەلىيەتتە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ نۇقتىلارنى ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئىزچىل ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرىغا قارىماي دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.»
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئورناتمايدىغانلىقىغا دائىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلىنغان باياناتلىرى سورالغاندا، كاللاس دىيالوگنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «بىلىسىز، بۇ قىيىن بىر سوئال. ئەمما تەنقىدلەرنى كۆتۈرەلمىسەڭلار، بېرىلىدىغان توغرا ئىنكاسنىڭ بۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن» دېگەن كاللاس، ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋە «ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىش» نىڭ ئەڭ ياخشى يولىنىڭ دىيالوگ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
كاللاس خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا زىچ ھەمكارلىقنى مەجبۇرىي قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيەگە ئوخىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. رايوندىكى مۇقىملىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز دىيالوگنىڭ زۆرۈر بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كاللاس؛ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى بارغانسېرى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى، كۆچمەنلەر ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.





















