تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلدى
پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ 1-سېنتەبىر مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 852 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى پەرماننى ئىمزالىدى.
ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلدى
ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلدى

ئۆزبېكىستاندا 1-سېنتەبىر كۈنى تەبرىكلىنىدىغان مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ ئىمزاسى بىلەن 852 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلىش قارارى چىقىرىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ دۆلەت مۇستەقىللىقىنىڭ 35 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان ۋە چوقۇم تۈزىلىش يولىغا كىرگەن مەھبۇسلارنى» كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر پەرماننى ئىمزالىغان.

جەمئىي 852 مەھبۇس نەپكە ئېرىشىدىغان بۇ كەچۈرۈم قارارىغا ئاساسلانغاندا، 719 مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ، 133 مەھبۇسنىڭ بولسا جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدۇ. كەچۈرۈم قىلىنغانلار ئارىسىدا قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئەزا بولغان 63 كىشى، 60 ياشتىن ئاشقان 37 كىشى، 49 ئايال، 375 ياش ۋە 7 نەپەر چەت ئەل پۇقراسىمۇ بار.

كەچۈرۈم دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا مەخسۇس يوليورۇق چۈشۈرۈلدى. ئۆتكەن يىلىمۇ مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 523 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ