تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ھەرقايسى بازىلاردىن قوزغالغان ئايروپىلانلارنىڭ قىبرىس ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە ئاقدېڭىزدا مەشىق ئۇچۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«پولات قاناتلار ئوتتۇرا دېڭىز ئاسمىنىدا… دۆلىتىمىزنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، ھەرىكەت ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قىسىملىرىمىزنىڭ تەييارلىق سەۋىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە ساقلاشقا قارىتىلغان پائالىيەتلىرىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىمىزغا قاراشلىق ھەرقايسى بازىلاردىن ئۇچقان جەڭچى ۋە ياردەمچى ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قىبرىس ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە ئاقدېڭىزنىڭ خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا كەڭ كۆلەملىك مەشىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.»























