خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندىكى بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى قازا قىلىپ، 17 كىشى يارىلاندى. بۇ مەملىكەت بويىچە ئىيۇن ئېيىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق مەكتەپ ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

GMA News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ فىلىپپىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كوتايانتو (South Cotabato) شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا 6 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئېغىر يارىلانغان 17 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋەقە سەۋەبىدىن رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلغان.

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئىيۇن ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا يۈز بەرگەن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى ۋەقەدىن كېيىن، مەكتەپلەرگە قىلىنىدىغان قوراللىق ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى