خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاننىڭ شىمالىي غەربىگە جايلاشقان خەيبەر پاختونخۇۋا ئۆلكىسىدە جۈمە نامىزى جەريانىدا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 15 كىشى قازا قىلدى، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

Geo News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەيبەر پاختونخۇۋا ئۆلكىسىنىڭ كوھات رايونىدىكى ساقچى ئىدارىسى قورۇسى ئىچىگە جايلاشقان بىر جامەدە پارتلاش يۈز بەرگەن.

كوھات رايونلۇق مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلى تاھىر ئەلى شاھ پارتلاشتا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ساقچى دائىرىلىرى جۈمە نامىزى جەريانىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك پارتلاش نەتىجىسىدە جامەنىڭ سىرتقى قىسمىدا ئورەك پەيدا بولغانلىقىنى، بىنادا ئېغىر دەرىجىدە زىيان كۆرۈلۈپ بىر تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن پارتلاش يۈز بەرگەن كوھات – ھانگۇ يولى ئاپتوموبىل قاتنىشىغا تاقالدى، شۇنداقلا كوھات رايونلۇق مەركىزىي دوختۇرخانىسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. رايونغا قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش قانۇن  لايىھەسىنى تەستىقلىدى
خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلانغان قۇتقۇزۇش خادىمىغا ياردەمگە كەلگەن پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان بىر بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 9 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى: ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سۈرىيە «قايتا تۇغۇلدى»
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ب د ت: مالىدىكى پاناھلانغۇچىلار ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى 731 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى