تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى كوچا ناملىرى مىللىيلاشتۇرۇلدى
بىشكەك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مەمۇرىي ئىسلاھاتتىن كېيىن، نۇرغۇن كوچا ناملىرى قىرغىزچە ۋە مىللىي ناملاغا ئۆزگەرتىلدى؛ بۇ جەرياندا بىر ئاساسلىق كوچىغا «ئەنقەرە» دەپ نام بېرىلدى.
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى كوچا ناملىرى مىللىيلاشتۇرۇلدى
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى كوچا ناملىرى مىللىيلاشتۇرۇلدى

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئېلىپ بېرىلغان مەمۇرىي ۋە رايونلۇق ئىسلاھاتتىن كېيىن، تەكرارلىنىپ قالغان ناملارنى يوقىتىش ۋە قاتناش لىنىيەلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، نۇرغۇن كوچا - كويلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، مىللىي ناملار بىلەن قايتىدىن ئاتالدى.

بىشكەك شەھەرلىك مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن، ئوخشىمىغان نامدىكى نۇرغۇن كوچىلار بىرلا نام ئاستىدا توپلانغان. يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى 7-ئاپرېلدىكى خەلق ئىنقىلابىدىن كېيىن قويۇلغان «7-ئاپرېل» دېگەن نامنىڭ قىسقارتىلغانلىقى دىققەت قوزغىدى. شۇنداقلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان پۇتېپروۋودنايا، مولوتايا گۋاردىيە، سېلېكسىيوننايا، مۇرومسكايا، پوپېدا، ۋاسىلىيېۋىسكىي تراكت، ماكسىم گوركىي، ئوكرايننايا، نابېرېژنايا ۋە سېنترالنايا بېرېگوۋايا قاتارلىق ناملارنىڭ ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

يېڭىلانغان ناملارغا ئاساسەن، بىر مىليون 500 مىڭ نوپۇسلۇق بىشكەك شەھىرى چۇي، جىبەك يولى، چىڭگىز ئايتماتوۋ ۋە ئالى توكومبايېۋ قاتارلىق ئاساسلىق كوچىلاردىن تەشكىل تاپتى. ئاساسلىق كوچىلارغا بولسا ماناس، شابدان باتىر، جۈسۈپ ئابدراخمانوۋ، قۇرمانجان داتكا، ئىمانالى ئايداربېكوۋ، ئابسامات مەسالىيېۋ، ئەنقەرە (تۈركىيەنىڭ پايتەختى)، ماخاتما گەندى (ھىندىستاننىڭ سابىق رەھبىرى) ۋە دېڭ شياۋپىڭ (خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى) قاتارلىق ناملار بېرىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنت سارىيى جايلاشقان چىڭگىز ئايتماتوۋ ۋە ماناس كوچىلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ «چىڭگىز ئايتماتوۋ كوچىسى» دەپ ئاتالدى. شەھەرنىڭ شەرق بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرىدىغان مىخايىل فرۇنزې، دېڭ شياۋپىڭ، چۇي ۋە شابدان باتىر كوچىلىرى «چۇي كوچىسى» غا ئۆزگەرتىلدى. باشقا نۇرغۇن كوچىلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىرلا نام ئاستىدا جەم قىلىندى. مەسىلەن، ماكسىم گوركىي ۋە ئەنقەرە كوچىلىرى «ئەنقەرە كوچىسى» دەپ ئاتالدى.

مەمۇرىي ئىسلاھات نەتىجىسىدە يەر مەيدانى تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە كېڭەيگەن بىشكەكتە، ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايونلارنىڭ مەركەزگە قوشۇلۇشى بىلەن كوچا ناملىرىنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن ئىدى. تېخنىكىلىق خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، بىشكەك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى، بېكەت ئۇچۇرلىرى ۋە شەھەرنىڭ رەقەملىك ئادرېس خەرىتىسىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ