تەنتەربىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئىران تەنتەربىيە مىنىستىرى ئەھمەد دونيامالى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئىران كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ مەسلىھەت قىلماقتا، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى. (ئارخىپ سۈرىتى) / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى

زامانىۋى دەۋردە تۇنجى قېتىم بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا پۇتبولىنىڭ ئەڭ چوڭ پائالىيىتىدىن چىكىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بۇ باياناتتىن كېيىن، دۇنيا پۇتبولىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىراننىڭ ئورنىغا كېلىدىغان باشقا نامزات كوماندىلارنى باھالاشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.

بۇ تېخى رەسمىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادادا باشلىنىدىغان مۇسابىقىدە ئىراننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىر كوماندا تېپىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دونيامالى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ئىراننىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى گىئاننى ئىنفانتېنو دونيامالىنىڭ باياناتىدىن پەقەت بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن ئىراننىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى» ھەققىدە كاپالەت ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق ئىراننىڭ مۇسابىقىنىڭ ساھىبخانلىرىدىن بىرى بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە.

بۇنداق بىر چىكىنىش دۇنيا لوڭقىسى بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئالتىنچى ماددىسىغا بېقىنىدۇ؛ بۇ ماددا، بۇنداق بىر ھەرىكەت ئۈچۈن تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالارنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنى چاقىرىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ مەزمۇن قىلىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق پۇتبول بەلگىلىمە دىرېكتورى جامېس كىتچىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «زامانىۋى دەۋردە بۇنداق بىر ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بىر كوماندا چىكىنىپ كەتسە ئۆزلىرى خالىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىش جەھەتتە تولۇق ھوقۇققا ئىگە» دېدى. ئۇ يەنە، ئىران نۆۋەتتىكى توقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن مۇسابىقىدىن چىكىنىپ كەتسە، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەر قانداق بىر جازا يۈرگۈزۈشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئۆتكەن يىلى ئاسىيا تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدا A گۇرۇپپىنى بىرىنچى بولۇپ تاماملاپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى. دۇنيانىڭ ئەڭ زىچ نوپۇسلۇق قىتئەسىدىن بىر كوماندىنىڭ ئىراننىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئەڭ مۇۋاپىق تالاشتەك كۆرۈنمەكتە.

ساياھەت چەكلىمىسى

ئىراق بۇ ئايدا مېكسىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىتئەلەر ئارا تاللاش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. نويابىر ئېيىدا ئىراققا قارشى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ يوشۇرۇن نامزات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ساياھەت چەكلىمىسى، ئىراقنىڭ مېكسىكىغا يېتىپ بېرىش ۋە 31-مارتتىكى مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئىراقنىڭ تېخنىكا دىرېكتورى گراھام ئارنولد خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە تېخىمۇ يېقىن بىر ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى. ئارنولد دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئىراننىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا قارار قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت بار. ئىران چىكىنىپ كەتسە، دۇنيا لوڭقىسىغا بارىمىز ۋە بۇمۇ تاللاش مۇسابىقىسىدە بىز يەڭگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بولىۋىيە ياكى سۇرىنامغا قارشى تەييارلىق قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ» دېدى.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دونيامالىنىڭ باياناتىغا تېخى بىرەر باھا بەرمىدى؛ ئاسىيا پۇتبول كونفېدېراتسىيەسىدىن (AFC) بىر مەنبە بولسا، ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ پەرەزلەرنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ياۋروپانىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قاتناشقۇچىلىرىنىڭمۇ مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئېنىق بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، كىتچىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاپرېل بېشىغىچە ئېنىق بىر قارار چىقارمايدىغانلىقىغا، رېئاللىققا ئۇيغۇن ۋە كېڭىشىشنى ئاساس قىلغان بىر ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشى تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، دېموكراتلار ترامپنى «يالغانچى» دەپ ئەيىبلىدى
ئىران: ترامپنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش سىگنالىغا قارىماي، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى
پاكىستان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق ۋاسىتىچى بولماقتا
ماركۋېين مۇللىن ئامېرىكانىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى
ترامپ ئىراننىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى كېچىكتۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران نېفىت ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى زەھەرلىك ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى
كولومبىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 66 كىشى قازا قىلدى. ئونلىغان كىشى يارىلاندى
ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى
تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
تەكشۈرۈش دوكلاتى: غەززە قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتتىن چىقىپ كەتتى
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
لىۋان تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە رايوننى كېچىچە ئوققا تۇتتى
ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ پىلانلانغاندىن ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
فاتىھ بىرول: ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈن «زور تەھدىت» شەكىللەندۈرمەكتە