ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانى پەلەستىن ھەيئىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانى پەلەستىن ھەيئىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردىياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا بەرمەسلىك قارارىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ قارارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانى پەلەستىن ھەيئىتىگە قويۇلغان چەكلىمىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېسمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانىنى قوللاپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىشىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتوننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارغا ئىككىنچى يىل ۋىزا بەرمەسلىك قارارىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بۇ قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ھەپتە بەرگەن باياناتىدا، كېلەر ھەپتە نىيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان يىغىن ھارپىسىدا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى ئەنۋەر ئەلئانۇنى: «پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىغا كىرىش ۋىزىسى بەرمەسلىك قارارىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئىككىنچى يىل ئىجرا قىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز» دېدى.

ئەنۋەر ئەلئانۇنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈزۈلگەن نۆۋەتتىكى مۇھىم كېلىشىملىرى ۋە ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بۇ قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى 3 كە قارشى 152 ئاۋاز بىلەن، مەھمۇد ئابباسنىڭ بۇ يىلمۇ يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلدى.

ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا، سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان يىغىنغا پەقەت پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئەزالىرىلا قاتنىشالايدۇ.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى