خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كانادادىكى ھەربىي بازىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى
باش مىنىستىر مارك كارنېي ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى ۋېينرايت ھەربىي بازىسىدا ئېغىر بىر ۋەقەنىڭ زور بىر ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادادىكى ھەربىي بازىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش  ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى
كانادادىكى ھەربىي بازىدا چىققان ئوت ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى / Reuters

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېي دۆلەتنىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن «ئېغىر بىر ۋەقەنىڭ» زور بىر ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىد ماكگۇينتى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

كارنېي X سۇپىسىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنىڭ ئېدمونتون شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 210 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان كانادا قوراللىق قىسىملىرىغا تەۋە ۋېينرايت ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماكگۇينتى شەنبە كۈنى كېچىكىپ ئېلان قىللغان باياناتىدا، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ماكگۇينتى ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بازىدا يۈز بەرگەن ۋەقە نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى قايغۇرۇش بىلەن ئورتاقلىشىمەن» دېدى.

كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر باياناتچى ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە يېڭى ئۇچۇرلار ئىگىلىنىشى ھامان ئامما بىلەن ھەمبەھرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېينرايت يەرلىك ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتىنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە ھەربىي بازىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك توساقلىرىدىن ھالقىپ، يېقىندىكى بىر رايونغا كېڭەيگەنلىكىنى ۋە ئوتقا ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىك ھۆكۈمەت ھېچقانداق بىخەتەر جايغا يۆتكەش بۇيرۇقىنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېينرايت ھەربىي بازىسى، كانادا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بازىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
زېلېنىسكىي ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېلگىيەدىن قوشۇمچە F-16 ياردىمى تەلەپ قىلدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىن تۇنجى قېتىم بىر ۋەكىل دۆلەت مىنىستىرى بولدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
رۇسىيە: ئامېرىكاغا دىزېل يېقىلغۇسى توشۇش 2–3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن
SANA: رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى مىھراج ئۇرال سۈرىيەدە تۇتۇلدى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى