سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
ترامپ «ۋەنسقا ئىران بىلەن مۇزاكىرىنى قايتا باشلاشنى تاپشۇردى» خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
پىرېزىدېنت ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ ۋەنس ھەققىدىكى خەۋىرىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋەنسقا (JD Vance) «ئىران بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى» دېگەن خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ۋەنسنىڭ پەقەت ئىران ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش بۇيۇملىرىنى تەمىنلەشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ترامپ ئوخايودىكى سايلام يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقىش ئالدىدا، ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنىڭ: «ج د ۋەنسقا تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، ترامپ: «ياق، ئىران داۋالاش بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق ئىدى، ئۇ مەندىن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن ماقۇل بولدۇم. قىسقىسى، پەقەت بىمارلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن لازىملىق بۇيۇملار تەمىنلىنىۋاتىدۇ، خالاس» دەپ جاۋاب بەردى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» (WSJ) نىڭ ئىران ھەققىدىكى خەۋىرى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر باياناتى، ئامېرىكانىڭ «ۋال كوچىسى گېزىتى» (Wall Street Journal) ترامپنى ۋەنسقا «ئىران بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى» دەپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋىرىدە، ترامپنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ۋەنسنىڭ «تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتىدىن باشلاش مەقسىتىدە» ئىراننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى مۇھسىن رىزائىغا مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
رۇسىيە: ۋورونېژدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا پويىزدىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى
ئىران: مەككە ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تېھراننى زىيارەت قىلىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپتىن ئىرانغا يېڭى ئۇلتىماتۇم: كېلىشىم تۈزەيمۇ ياكى يوق قىلايمۇ؟
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «ئەتە» ھۇجۇم قىلىشى ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق