خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ھۇسىيلار، بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى بىلەن ھەربىي لاگېرنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى / AFP Archive

يەمەنلىك ئەمەلدارلار ھۇسىيلارنىڭ ئەدەن خەلقئارا ئايرودرومىنى، شەھەرنىڭ ئەت-تەۋاھى رايونىدىكى بىر پورتنى ۋە ئىككى دېڭىز ياقىسى خەۋپسىزلىك ئەسلىھەسىنى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەن ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقى، شەنبە كۈنى X ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئايرودروم ۋە پورتنىڭ قايتىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا ئادەم ئۆلۈش ياكى زىيان توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مىنىستىرلىق بىناسى قورۇسىدىكى دېڭىز ياقىسى خەۋپسىزلىك ئىشتابىنى، ئۈچىنچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بولسا ئەت-تەۋاھى رايونىدىكى بىر دېڭىز ياقىسى خەۋپسىزلىك بىناسىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم ئەدەندە پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشتىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىدىكى تائىف ۋە يەنبۇ شەھەرلىرىنى نىشان قىلغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Who are the Houthis?

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈستىگە ئالغان ھۇسىيلار، سەئۇدى ئەرەبىستان كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى بىلەن ھەربىي لاگېرنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى، ئۆز قىسىملىرىنىڭ ئەدەندىكى ئەن-نەسر لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەسكەرلىرىنى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.

يەمەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئەدەندىكى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق خەلقئارا ئايرودرومنىڭ ئىلگىرىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن كۆپ قېتىم نىشان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2015-يىلىدىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى ھۇسىيلارغا قارشى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەربىي ئىتتىپاققا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى توقۇنۇشلار، 2022-يىلى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئىيۇل ئېيىدا قايتىدىن كەسكىنلەشتى.

ھۇسىيلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئاممىۋى نىشانلىرىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىىلدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى