خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
دونالد تىرامپ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى / Reuters

تىرامپ تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچلىق كېلىشىمىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تىرامپ، توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن جانلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيەنىڭ ئالياسكادىكى تەبىئىي گاز ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن تىرامپ، مەزكۇر مەبلەغ تەكلىپىگە قارىتا ئالاھىدە بىر كۆز قارىشى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تىرامپ: «بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن قەتئىي يوسۇندا سودا قىلىمىز» دېدى.

توقۇنۇشلارنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تىرامپ: «رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە بىزنىڭمۇ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن سودا قىلالايدىغان نورمال ھاياتقا قايتىشنى خالايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia ready to resume trilateral Ukraine talks in November, Putin says

تەبىئىي بايلىقلار كېلىشىمى

تىرامپ ئۇكرائىنانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئاساسلىنىپ كىيېۋ ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان سودا كېلىشىمىنىڭ قىممىتىنىڭ 1 تىرىليون دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېھتىماللىقى بولغان تەبىئىي بايلىقلار كېلىشىمىنى، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى جو بايدىن مەزگىلىدە ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرگە باغلىغان تىرامپ، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ياردەمنىڭ بەدىلىگە ئىقتىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

تىرامپ: «ئۆزۈمنى ناداندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، چۈنكى قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر ئىش بۇنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىش ئىدى، تۆلەيتتى. يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆلەيتتى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ