غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى پىلانلىق ۋەيران قىلىشلارنىڭ ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي ماكانىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە / AA

ئىسرائىلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى B'Tselem، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ماكانىدىن ئايرىلىشىغا ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ كەڭ دائىرىدە ۋەيران قىلىنىشىغا ئالاقىدار پىلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەشكىلات چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى، پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىي ماكانىدىن يۆتكىلىشىنى، كوللېكتىپ جازالاش تەدبىرلىرىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىشلارنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە مەۋجۇت بولغان بارلىق مېخانىزملارنى ئىشلىتىشكە چاقىردى.

B'Tselem: «ئىسرائىلىيەلىك رەھبەرلەر نىيەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلماقتا ۋە نەق مەيداندىكى ئىجرائاتلار ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ كەتتى» دەپبايانات بەردى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، جۈمە كۈنى ئەل خەلىل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرى بىلەن ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە ئۈچ ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ھۇجۇمدىن كېيىن باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائېل كاتس رايون ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ماكانىدىن ئايرىلىشىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنگەن تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

نېتانياھۇ: «مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا يولغا قويغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇم ئەندىزىسىنى شەھەرلەردىمۇ يولغا قويىمىز» دېدى.

B'Tselem، مەزكۇر ئەندىزىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىدا 33 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel forcibly displaces hundreds of Palestinians in Hebron ahead of elections

قورشاۋ ۋە ۋەيران قىلىشلار

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەل خەلىل ۋە قوشنا ھالھۇل شەھەرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككىنچى كۈنى قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، نەچچە ئون پەلەستىنلىكنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتتى، تۇرالغۇلارغا بېسىپ كىردى ۋە بىر تۇرالغۇ بىناسى بىلەن قوشۇپ باشقا قۇرۇلۇشلارنىمۇ چېقىپ ۋەيران قىلدى.

ئىسرائىلىيە مەمۇرىي ئىدارىسىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئەل خەلىلنىڭ فەرش ئەل-ھاۋا مەھەللىسىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە قۇرۇلۇشلارنى چېقىشقا باشلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاشقۇن ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ ئەل خەلىلنىڭ جەنۇبىدىكى دۆڭلۈكلەردە تۆت يېڭى قانۇنسىز يېزا ئىگىلىك ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

B'Tselem، ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىق دائىرىسىدىكى ۋەيران قىلغۇچى ھۇجۇملارغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

تەشكىلات، مەزكۇر تەدبىرلەرنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئىشغالىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى ۋە پەلەستىن جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر سىياسەتنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

B'Tselem: «دۇنيا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەھەللىنىڭ بوشىتىلىپ يوق قىلىنىشىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرالمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى