ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى تاللاھاسسې شەھىرىدە، فلورىدا A&M ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ براگ مېمورىيال تەنتەربىيە سارىيىغا يېقىن جايدا شەنبە كېچىسى يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 12 كىشى يارىلاندى.
يەرلىك ساقچى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئەمەلدارلىرى يارىلانغانلاردىن 11 ىگە ئوق تەگكەنلىكىنى، يارىلانغانلارنىڭ ئالتىسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر، ئالتىسىنىڭ بولسا كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تاللاھاسسې ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن كەم دېگەندە ئۈچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر، باشقا توققۇزىنىڭ بولسا مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلارغا قارىغاندا ھۇجۇم، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر يىغىلىشى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىنل يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بېرىشى بىلەن رايوندىكىلەرگە تۇرۇۋاتقان جايلىرىدىن ئايرىلماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
ساقچى باياناتچىسى ئالىسىيا ھىل ھۇجۇمدا يارىلانغانلار بارلىقىنى جەزملەشتۈردى، يەرلىك «Tallahassee Democrat» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دائىرىلەر كېچە سائەتلىرىدە نەق مەيداندا خەۋپسىزلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
فلورىدا A&M ئۇنىۋېرسىتېتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20:40 ئەتراپىدا خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، تەنتەربىيە سارىيىغا يېقىن جايدىكى كىشىلەرنى تۇرۇۋاتقان ئورنىدا قېلىشقا ياكى رايوندىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.
فلورىدا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ تاللاھاسسې مىقياسىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە تەدبىر سۈپىتىدە يېپىق بىنالاردا قېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىۋېرسىتېت ئۆز خادىملىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
قوراللىق ھۇجۇمنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.

























