ئىتالىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلىرىدە ۋە ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھەر مەركىزىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئاتقان ۋە ئوت قويغان ئاممىنى تارقىتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلەتتى.
ئىتالىيەنىڭ تورىنو شەھىرىدە نامايىشچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە بوتۇلكا ۋە پوجاڭزا ئېتىشىدىن كېيىن، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.
رىمدا بولسا كوچا نامايىشى جەريانىدا ساقچىلارغا بوتۇلكا ئېتىلىشىغا ئەگىشىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتتى.
بولوگنيادا ساقچىلار بوتۇلكا ۋە ئېتىلغاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلارنى كەينىگە ياندۇردى. مىلانو ۋە فلورېنسىيەدە قۇرۇلغان ساقچى توساقلىرى نامايىشچىلارنىڭ شەھەر مەركەزلىرىگە كىرىشىنى توستى.
ئىتالىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ANSA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ئىلگىرىكى نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىق ھالدا مىلانو، قوشنا مونزا ۋە 20 شەھەردىكى 150 تىن ئارتۇق ئادرېستا ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى.
ئاختۇرۇشلاردا، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئاپتوموبىللارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئوت قويۇش پىلانلىرىغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر تەكشۈرۈلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو پىيانتېدوسى دائىرىلەرنىڭ شەھەرلەردىكى سەزگۈر رايونلاردا خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە كەسكىن رەۋىشتە مۇداخىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بارسېلونادا ياشلارنىڭ نامايىشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى
ئىسپانىيەدە ساقچىلار، بارسېلونا شەھەر مەركىزىدە ياشلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن مۇداخىلە قىلدى.
قارا كىيىملىك يۈزلەرچە نامايىشچى فرانسىيەدىكى «Lycees Indignes» ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، «Institut Indignats» خەتكۈچى ئاستىدا كاتالونىيە مەيدانىغا يىغىلدى.
بەزى نامايىشچىلارنىڭ دۇكانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى، ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇشى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاش ۋە بوتۇلكا ئېتىشىغا ئەگىشىپ ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى.
مۇداخىلىدىن كېيىن تار كوچىلارغا چېچىلىپ كەتكەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ۋەقەلەردە بىر قانچە كىشى يارىلاندى ۋە بەزى نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىندى.
زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، تۇرالغۇ ھوقۇقى تەلىپى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى قۇرۇلغان بىر نامايىش لاگېرىنىڭ يېقىنىدا، رايون ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر توپلاشقان بىر جايدا يۈز بەردى.
بارسېلونانىڭ يەرلىك ساقچى ئىدارىسى گۇاردىيا ئۇرگانا شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق يوللارنى قاتناشقا تاقىدى، ئەتراپتىكى سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن ئىشىكلىرىنى تاقىدى.
كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى سالۋادور ئىللا X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى.
ئىللا: «ھۇجۇم، تەھدىت ياكى مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى دېموكراتىك بىر ھوقۇق ئەمەس. بۇنى قىلغان ھەر بىر كىشى بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، زوراۋانلىقنىڭ ھېچقانداق باھانىسى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.




















