سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ: «ۋېتو ئىمتىيازى بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن چاقىرىقنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىغا قىلىنغان دەۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىدە ۋېتو (رەت قىلىش) ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ: «ۋېتو ئىمتىيازى بىكار قىلىنىشى كېرەك» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت ئىسلاھاتى چاقىرىقى: «ۋېتو ئىمتىيازى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك» (ئارخىپ)

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان  Bloomberg ئۈچۈن «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋېتو ھوقۇقى بىكار قىلىنىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە يازدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردا دۇنيا شاھىت بولغان يۇقۇم، ئېنېرگىيە كىرىزىسى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە رايونلۇق توقۇنۇش قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ، دۇنيا دۇچ كەلگەن كىرىزىلەرنى ھەل قىلىشنى بىر قانچە پايتەختنىڭ ئىرادىسىگە تاپشۇرۇپ قويۇشنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان دۇنياۋى قارار چىقىرىش مېخانىزملىرىنى بۈگۈنكى شارائىتقا ماسلاشتۇرۇشنى ئەمدى كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھېلىھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قۇرۇلمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئادىل ۋە مەسئۇلىيەتچان ۋەكىللىك چۈشەنچىسىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يولى ۋەكىللىك دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادىل بۆلۈشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ تەجرىبىسى، ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قاتناشتۇرۇشقا مەجبۇرمىز. ‹دۇنيا بەشتىن چوڭ› دېگەن چاقىرىقىمىز بۇ نۇقتىدىن تېخىمۇ كەڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىغا دەۋەتتۇر. ئىسلاھات ئېھتىياجىنى ئەمدى كونكرېت يول خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر. … ئىسلاھات دېگەنلىك ئوخشاش ئىمتىيازنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بېرىش دېگەنلىك ئەمەس. ئومۇمىي كېڭەش تەركىبىدە، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت كۆپچىلىكىنىڭ ئىرادىسىنى مەڭگۈلۈك توسۇپ قېلىش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك، دېگەن پىرىنسىپ ئاساسىدا كەڭ ئىتتىپاق قۇرۇلۇشى لازىم».

ئەردوغان ئىقتىسادتىن بىخەتەرلىككىچە، تېخنىكىدىن دىپلوماتىيەگىچە يېڭى كۈچ مەركەزلىرى بارلىققا كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشكە ئوخشاش سۈرئەتتە ماسلىشالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ئۇرۇش، كىلىمات كىرىزىسى، تەرتىپسىز كۆچ ۋە ئىقتىسادىي ئاجىزلىقنىڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئورگان، چىداملىق ئىقتىساد ۋە توسۇش كۈچىگە ئىگە مۇداپىئە ئىقتىدارى بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا سودا، ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە كارىدورلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سىجىللىقىنىڭ تېخىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي سالمىقى ئېشىۋاتقاندا، ئافرىقانىڭمۇ يوشۇرۇن كۈچىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك ۋەكىللىك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىنقى نىشانلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بەزى رايونلۇق ئاكتيورلارنىڭ كۈچىيىۋاتقان تەسىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز رايونلىرىدا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر رايوننىڭ مەسىلىسىنى سىرتتىن بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسى، يەرلىك شارائىت ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ئۇسۇللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇقىم نەتىجە يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. دىپلوماتىيە ئىقتىدارى، ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتى ۋە ئوخشىمىغان تەرەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش قابىلىيىتى بار دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇقەررەر زۆرۈرىيەتتۇر.»

«ئومۇمىي كېڭەشنىڭ رولىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز»

ئەردوغان ۋېتو ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش، سايلانغان ئەزالارنىڭ قارار چىقىرىش مۇساپىسىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئومۇمىي كېڭەشنىڭ رولىنى كۈچەيتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئوخشىمىغان رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئورتاق ئاساستا ئۇچرىشىشى خەلقئارا سىستېمىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە ۋەكىللىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈزۈلگەن ۋە ئۆزئارا سۆزلەشمەيدىغان بلوكلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن قۇرۇلمايدىغانلىقى ئېنىق. ‹تېخىمۇ ئادىل دۇنيا› ئۈچۈن ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ تەجرىبىسى، ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئورتاق ئاساستا بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تۈركىيە چوڭقۇر يىلتىزلىق دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى، دىپلوماتىيە ئىقتىدارى ۋە ئوخشىمىغان رايونلار بىلەن ئورناتقان كۈچلۈك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بۇ ئىسلاھات ئىزدىنىشىدە ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى