سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچلىقتىن سۆز ئاچسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق

كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلەتنىڭ ھەربىي سانائەت كومىتېتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنانىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى تىنچلىقنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ ۋە سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق سادىر قىلغان جىنايەتلىرى بىلەن تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە سۆھبەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.»

پۇتىن تاشقى تەھدىتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ناتو كېڭىيىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كىرىشكە باشلىدى. بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

مېنىڭچە ئۇلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان خەلقنىڭ قوللىشىغا قايتىدىن ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئېيتىش تەس. بۇ ئىشقا يارىمىدى. بۇ رەھبەرلەر سايلامدا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، جىددىيچىلىكنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنى ۋە ئۇكرائىنالىقلارنى يەمچۈك قىلىپ ئىشلەتمەكتە.»

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن قىلىنغان چىقىملارنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان پۇتىن، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

 «ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئاساسلىق دەۋالارنىڭ بىرى، گۇمانلىق رۇسىيە تەھدىتىدۇر. رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا ياكى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ھېچقانداق سەۋەبىمىز يوق. بىز ياۋروپادىكى قوشنىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋە مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز.»

ئۇكرائىنادا سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رۇسىيەدىكى سايلاملارغىمۇ توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە كىيېۋ ۋەكىللىرىنىڭ تىنچلىقتىن سۆز ئاچسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكرارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
ئەراقچى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن: «بۈگۈن ئېلىنغان قارارلار ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلەيدۇ»
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم  ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى
كانادا ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى قوشما سەپەرۋەرلىك كۈچىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى: ئاي ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەككە ئەتراپىدا توسۇپ قېلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى
«ھۈرقۇش-II» تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلىدىغان تۇنجى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان ئايروپىلان بولىدۇ
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
سىنگاپوردا «سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا پۇل تۆلەنمەكتە
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى