ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان «خۇدا قۇرئان كەرىم» ناملىق رادىيونىڭ قالقىلىيە شەھىرىدىكى ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلدى ۋە رادىيو ئىستانسىسىنى تاقىۋەتتى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن قالقىلىيە شەھىرىگە بېسىپ كىرگەن.
شەھەردىكى «خۇدا قۇرئان كەرىم» رادىيوسىنىڭ ئىشخانىسىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئىشخانىدىكى ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللارنى مۇسادىرە قىلىپ، رادىيو مەركىزىنىمۇ تاقىۋەتكەن.
تاقاش قارارىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە مۇسادىرە قىلىنغان ماتېرىياللار ھەققىدە تېخىچە بايانات بېرىلمىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن رادىيو بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چاپلانغان يېزىقتا: «بۇ ئورگان تېررورلۇققا چېتىشلىق بولغانلىقى ۋە تېررورنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك قانۇنسىز ئېلان قىلىندى ۋە تاقىۋېتىلدى» دېيىلگەن.





















