ئامازون: بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇلۇت رايونلىرىمىز ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامازون: بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇلۇت رايونلىرىمىز ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىدىئامازون شىركىتى نورمال مۇلازىمەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرنەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككى رايوندىكى ھەق تاپشۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى توختىتىپ قويدى.
ئامازون: بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇلۇت رايونلىرىمىز ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىدى / Reuters

ئامازون شىركىتى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى جەريانىدا بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇلۇت رايونلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خېرىدارلارنىڭ ئەپلىرىنى قوللىيالماس ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

Amazon Web Services پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەترەتلەرنىڭ نورمال مەشغۇلاتلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ جەرياننىڭ بىرنەچچە ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر ئىككى رايوندىكى ھەق تاپشۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىركەت ئۆز ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى ھۇجۇملاردىن زىيان كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا دەرھال جاۋاب بەرمىدى. زىياننىڭ دەرىجىسى ئېنىقلانمىدى.

ئالدىنقى ئايدا ئاخباراتلاردا ئامازوننىڭ بەھرەيندىكى بۇلۇت رايونىنىڭ رايوندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن «ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئامازون يەنە 2-مارتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىككى ۋە بەھرەيندىكى بىر سانلىق مەلۇمات مەركىزى مۇئەسسەسەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

Amazon Web Services (AWS) 2019-يىلى ئىيۇلدا ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى بۇلۇت رايونى سۈپىتىدە ئوتتۇرا شەرق (بەھرەين) رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ، بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

AWS بەھرەين رايونىنىڭ ئۈچ ئىشلىتىش رايونىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ۋە رايوندا تۆۋەن كېچىكىش نىسبىتىگە ئىگە بۇلۇت ئۇل ئەسلىھەسىنى ئىزدەۋاتقان خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا لىۋانغا ھۇجۇم قىلىپ 14 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خاقان فىدان ئامېرىكا -ئىران سۆھبەتلىرىنى ئىرانلىق ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەشتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن پاكىستانغا قايتا بارىدۇ
ترامپ «يۇقىرى پارتلاش ئاۋازلىرى» بىخەتەرلىك سىگنالى پەيدا قىلغاندىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلدى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەرلىك سايلامدا چۈشكەن بېلەتلەرنى ساناش باشلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»