تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە رۇمىنىيەنى يېڭىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قالدى
تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ياۋروپا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە شاللاش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رۇمىنىيەنى 1-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى.
تۈركىيە رۇمىنىيەنى يېڭىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قالدى
غەلىبە تۈركىيەنى 31-مارتتىكى پىلېي-ئوف ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئېلىپ باردى. / Reuters

تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ياۋروپا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە شاللاش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رۇمىنىيەنى 1-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، شاللاش بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كۆتۈرۈلۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

تۈركىيە ئاردا گۈلەرنىڭ ئۇنتۇلماس لەھزىلىرىدىن كېيىن فەردى قادى ئوغلۇنىڭ ئىككىنچى مەيداندىكى توپى بىلەن قوشۇمچە شاللاش يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رۇمىنىيەنى 1-0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قايتىشقا پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقە قالغان جىددىي پەيتكە يېتىپ كەلدى.

بەشىكتاش باغچىسى (Beşiktaş Park) تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە تەڭپۇڭلۇق 53-مىنۇتتا بۇزۇلدى؛ رېئال مادرىد ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئاردا گۈلەر مۇداپىئەنى يېرىپ ئۆتكەن ئاجايىپ بىر پاس بىلەن فەردى قادى ئوغلۇغا پۇرسەت ياراتتى. قادى ئوغلو توپنى كونترول قىلىپ سوغۇققانلىق بىلەن زەربە بېرىپ تۈركىيەنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.

گۈلەر TV8  قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، توپ كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سۆزلىشىلگەنلىكىنى ھەمدە پىلاننىڭ ئۆزى توپنى ئېلىش ۋە فەردىنىڭ جازا رايونىغا قاراپ يۈگۈرۈشى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىككىنچى مەيدان باشلىنىشتىن بۇرۇنقى دەم ئېلىشتا توپ كىرگۈزۈش ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. مەن توپنى ئالاتتىم فەردى جازا رايونىغا قاراپ يۈگۈرەتتى. پۈتۈنلەي پىلانلىغىنىمىزدەك بولدى»  دېدى.

تۈركىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشتى ۋە ئارقىدىنلا جۇۋېنتۇس ماھىرى كەنان يىلدىزنىڭ سول قاناتتىن ئىچكىرىگە كىرىپ قىلغان ئاجايىپ ئەگمە زەربىسى بىلەن پەرقنى ئىككىگە چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىنتايىن يېقىنلاشتى؛ ئەمما توپ كول تۈۋرۈكىگە تېگىپ قايتىپ كەلدى.

رۇمىنىيە نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن بېسىم قىلغان بولسىمۇ تۈركىيە مۇداپىئەنى قوغداپ نومۇر ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالدى ۋە مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى.

بۇ غەلىبە تۈركىيەنى 31-مارتتىكى قوشۇمچە شاللاش بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى؛ تۈركىيە بۇ يەردە سلوۋاكىيە ياكى كوسوۋو بىلەن 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا سوقۇلۇپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىراق تەرەپتىن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق
فىدان بىلەن ئاراقچى توختاپ قالغان ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىراقتا ئىككى مەخپىي ھەربىي بازا قۇرغان
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) 7 جاسۇسنى قولغا چۈشۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرققە تۆۋەن تەننەرخلىق يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
كۇبا ئەلچىسى: كۇبالىقلار ئامېرىكانىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ