تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
مباپپېنىڭ 8-گولى فىرانسىيەنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى
كىلىئان مباپپې ئارگېنتىنالىق چولپان لىئونېل مېسسى بىلەن ئەڭ كۆپ گول كىرگۈزۈش («گول پادىشاھى») رىقابىتىدە تەڭلەشتى شۇنداقلا «كۆكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان فىرانسىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.
مباپپېنىڭ 8-گولى فىرانسىيەنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى
فىرانسىيە بىلەن ماراكەش - 2026-يىللىق فىفا دۇنيا لوڭقىسى - چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە

كىلىئان مباپپې ئىككىنچى يېرىم مەيداندا كىرگۈزگەن گولى ئارقىلىق 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى 8-گولى ۋە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 20-گولىنى كىرگۈزدى. ئۇ فىرانسىيە كوماندىسى ماراكەشنى 0:2 نەتىجە بىلەن يەڭگەن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەيداندىن بالدۇر چىقىپ كەتتى.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى بوستوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارىلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ 77-مىنۇتتا مەيداندىن ئالماشتۇرۇلدى.

مباپپېنىڭ گولىدىن كېيىنكى قىسىمدا ئوسمان دېمبېلې ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى 5-گولىنى كىرگۈزۈپ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«كۆكلەر» دەپ ئاتىلىدىغان فىرانسىيە كوماندىسى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسىنى سەيشەنبە كۈنى تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئارلىڭتون شەھىرىدە ئىسپانىيە بىلەن بېلگىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان كوماندا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

ماراكەش بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىرەر گولمۇ كىرگۈزەلمىگەن بولۇپ، خۇددى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رەقىبى فىرانسىيە بىلەن ئوينىغان ۋە ئوخشاش نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان مۇسابىقىدىكىگە ئوخشاشلا مەيداندىن قۇرۇق قول قايتتى.

ئافرىقادىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 10 كوماندىنىڭ توققۇزى شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككى كوماندا غەلىبە قىلىپ 32 كۈچلۈكلەر ئارا شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئۆتەلىگەنىدى. ماراكەشنىڭ مۇسابىقە بىلەن خوشلىشىشى نەتىجىسىدە دۇنيا لوڭقىسىدا ھېچقانداق ئافرىقا ۋەكىلى قالمىدى.

ئىسمائىل سەيبارىنىڭ مەيدانغا چىقالمىغانلىقى

ھۇجۇمچىسى ئىسمائىل سەيبارىسىز مەيدانغا چۈشكەن «ئاتلاس شىرلىرى» ناملىق ماراكەش كوماندىسى 83-مىنۇتقىچە ئۈنۈملۈك ھۇجۇم تەشكىللىيەلمىدى. بۇ مىنۇتتا ئەززۇددىن ئۇناھىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتاچىسى مايك مەينان توسۇۋالدى.

مباپپې 60-مىنۇتتا جازا رايونى يېرىم ئايلانمىسىنىڭ سول تەرىپىدىن كىرگۈزگەن گولى بىلەن ئارگېنتىنالىق لىئونېل مېسسى بىلەن مۇسابىقىدىكى «ئالتۇن ئاياغ» مۇكاپاتىنىڭ بىرىنچىلىكىنى تەڭ پۈتتۈردى. ئۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ گول كىرگۈزگەن پۇتبولچى بولۇش يولىدا 39 ياشلىق مېسسىدىن پەقەت بىر گوللا ئارقىدا تۇرماقتا.

بىرىنچى يېرىم مەيداندىكى جازا توپ تېپىش پۇرسىتىدە ماراكەش ۋارتاچىسى ياسىن بۇنۇدىن ئۆتەلمىگەن مباپپې ئالدى بىلەن كىرگۈزگەن مەزكۇر گولى ئارقىلىق كوماندىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزدى. ئالتە مىنۇتتىن كېيىن ئوسمان دېمبېلې تېز قايتۇرما ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ نومۇر پەرقىنى ئىككىگە چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى