گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىگە يېقىن دېرۋېنى رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى.
گىرېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ERT نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇنجى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئۆيدە، يەنە 12 ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ جەسىتى تېپىلغان.
ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ ئوت ئاپىتىدىن يارىدار ھالەتتە قۇتۇلغان ئايال، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىگە ئۆيدە بالىسى بىلەن يولدىشىنى قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
دائىرىلەر ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ئۆينىڭ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.
گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تۈنۈگۈن سەلانىك ۋىلايىتىنىڭ ئورائىئوكاسترو ناھىيەسىدىكى دېرۋېنى رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئورمانلىقتا كىملىكى ئېنىقلانمىغان بىر ئەرنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.















