تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە 7-، 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ «تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك سۇپا» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت رەئىسلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدە سۆز قىلغان ئەردوغان، ئەنقەرەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەم «رايونلۇق كىرىزىسلارنى باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارىنى»، ھەم ئىتتىپاق ئىچىدىكى چوڭقۇر تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ناتو پارلامېنت ئەزالىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، قىتئەلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تۇتاشقان نۇقتىسى بولغان ئىستانبۇلدا قاتناشقۇچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىدىن زور خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ناتو پارلامېنت ئەزالىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يىغىنغا تۆھپە قوشىدىغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.
بۇ مۇھىم يىغىننىڭ 7-، 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئايرىم بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«مەن ئىتتىپاقداش دۆلەت پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئېسىل بىر نامايەندىسى دەپ قارايدىغان بۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغانلارنى تەبرىكلەيمەن، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ياۋرو-ئاتلانتىك خەۋپسىزلىكى تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىتتىپاقىمىزنىڭ بولۇپمۇ شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي چېگرالىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش، كىرىزىس، تېررورىزم ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە ئوخشاش تەھدىتلەر، خەۋپسىزلىك چۈشەنچىمىزنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشىمىزنى زۆرۈر قىلماقتا. كونا قېلىپلار ۋە كونا قاراشلار بىر-بىرلەپ ۋەيران بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى نېمىنىڭ ئالىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم. مۇقىملىقنىڭ ئورنىنى جىددىيچىلىك، تەرتىپنىڭ ئورنىنى قالايمىقانچىلىق ئىگىلىگەن، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش سۈپىتى تۆۋەنلىگەن، ئەتىگەندە نېمىگە يولۇقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدىغان بىر ئېنىقسىزلىق دەۋرىنىڭ دەل مەركىزىدە تۇرۇۋاتىمىز.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۆۋەتتىكى گېئوسىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ناتو زىممىسىگە ئالغان رولنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ روھىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىمىز. كىرىزىس رايونلىرى بىلەن 1800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قۇرۇقلۇق چېگراسىغا ئىگە تۈركىيە، كۈچلۈك ئارمىيەسى، زامانىۋى ھەربىي ئىقتىدارى ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ناتونىڭ خەۋپسىزلىكىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئىتتىپاقداشلارنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. ناتو ۋەزىپىلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى قوللاۋاتىمىز. ھەم رايونلۇق كىرىزىسلارنى باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە ماھارىتىمىزنى، ھەم ناتو قۇرۇلمىسىدىكى مول تەجرىبىلىرىمىزنى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۇپىسى بولىدۇ.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەقەت ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىغا قارىتا قويۇق بىر قىزىقىشنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان ياشاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسئۇلىيەتنى زىممىڭلارغا ئېلىۋاتىسىلەر. خەلقلىرىمىزنىڭ بىزدىن تەلىپى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە ئامانلىق ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شارائىتلارنىڭ يارىتىلىشىدۇر. باشلىقلار يىغىنىدىن كۈتىدىغىنىمىز، ئىتتىپاقداشلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى سەزگۈرلىكىنى كۆزدە تۇتىدىغان، ئىتتىپاق ھەمكارلىقىنى ۋە بىرلىك روھىنى كۈچەيتىدىغان نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدۇر.»





















