خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى زىلزىلىگە سالدى
شاھىتلار يەر تەۋرەشتىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا يۈگۈرۈپ چىققانلىقىنى، كەشمىرنىڭ ھەم پاكىستان، ھەم ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى قىسىملىرىدا چوڭ ۋەھىمە كۆرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى زىلزىلىگە سالدى
شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننى زىلزىلىگە سالدى

ياۋروپا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش ئىلمى مەركىزى، ئافغانىستاننىڭ ھىندىكۇش رايونىدا مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك يەر تەۋرەشنىڭ پايتەخت كابىلدىن باشقا، قوشنا پاكىستان ۋە ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردىمۇ ھېس قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۋات رايونىدا ياشايدىغانلار، شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تەۋرىنىشتىن كېيىن كىشىلەرنىڭ قورقۇنچ ئىچىدە ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ھىندىكۇش رايونى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

يەر تەۋرەش پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلاماباد بىلەن شەرقتىكى پەنجاپ ۋە ئافغانىستان چېگراسىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىلىرىدىن باشقا، پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردىمۇ ھېس قىلىندى.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.

سۋاتتا ياشايدىغان بىر كىشى: «بۇ يەردە تەۋرىنىش ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى ۋە بىر قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشتى. كىشىلەر ئۆيلىرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىشتى؛ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە يىغلاپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى» دېدى.

ياۋروپا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش ئىلمى مەركىزى يەر تەۋرەشنى 6 بال، چوڭقۇرلۇقىنى بولسا 100 كىلومېتىر دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى بولسا يەر تەۋرەشنىڭ 6.1 بال ئەتراپىدا بولغانلىقىنى ئۆلچىدى.

ياۋروپا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش ئىلمى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا شەنبە كۈنى سەھەردە يەنە بىر قېتىم 5.4 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - When the Earth shakes thrice. What links major earthquakes hours apart?
ئىزدىنىڭ
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى
پۇتىن: «ئۇكرائىنا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنى رۇسىيە جەمئىيىتىنى سارىسىمىگە سېلىش ئۈچۈن قىلماقتا»
مېلونى ترامپنىڭ باياناتلىرىدىن كېيىن «قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»
كىم جۇڭئۇن: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئىككىدىن ئۇرۇش پاراخوتى ياساپ چىقىشىمىز شەرت
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى