مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىر ئومۇمىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھەسەن راشىد بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، تەرەپلەر ئىسرائىلىيەنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئالدىدا، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
قالىن بىلەن راشىد بۇ خىلدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.
قالىن سۆھبەت جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا پەلەستىن خەلقىنى «بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن» داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سۆھبەتتە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، لىۋىيەنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى ھاكىمىيەتلەرنى ھەمدە ھەربىي كۈچلەرنى بىر باشقۇرۇش ئورگىنى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش ۋە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئىككى رەھبەر سۇدان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى بولغان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.



















