پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا ئائىت تەكشۈرۈشلەرنىڭ %93 دىن ئارتۇقىنىڭ ئەيىبلەش دەۋاسى ئېچىلمايلا يېپىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ نىسبەت پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق يەرلەرنى قوغداش ۋە كۆچمەنلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئالىي كومىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەم ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دەخلى-تەرۇزلىرىغا ئائىت ھەپتىلىك دوكلاتىدا ئورۇن ئالدى.
دوكلاتتا: «ئىشغالچىلارنىڭ جىنايەتلىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئىشغال ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارە ھۆكۈمەت قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورتاق سىياسەتنىڭ داۋامىدۇر» دېيىلدى.
دوكلاتتا يەنە: «كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئائىت تەكشۈرۈش دېلولىرىنىڭ %93 دىن ئارتۇقى ئەيىبلەش دەۋاسى ئېچىلمايلا يېپىۋېتىلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
قانۇنسىز كۆچمەنلەر زوراۋانلىقىنىڭ 2026-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ۋە «ئىشغالچى كۈچلەرنىڭ سىياستىنى تولۇقلايدىغان تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە» ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆچمەنلەر ھۇجۇمىغا «سىياسىي ياردەم»
دوكلاتتا باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى، بولۇپمۇ مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز مالىيە مىنىستىرى بەزالەل ئېسموترىچ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بەن-گۋىر ئىشغالچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا سىياسىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇملار پەلەستىنلىك دىھقان، چارۋىچى جەمئىيەتلەرنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە يەرلىرىنى باسىۋېلىشنى نىشان قىلىدىكەن، جىنايەتچىلەر بولسا كەڭ كۆلەملىك جازاسىزلىقتىن بەھرىمەن بولماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغان دوكلاتتا، 2026-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 1330 دىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىنىڭ ئارخىپقا كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



















