شەرا ئامېرىكا ئالدىدا ئەردوغاننىڭمۇ بۇ مەسىلە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئاھمەد شەرا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆز دۆلىتىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى (ئىقتىسادىي جازالارنى) بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ۋاسىتىچىلىك تەشەببۇسىدا بولغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئېردوغاننىڭمۇ ئامېرىكا ئالدىدا بۇ مەسىلە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
سۈرىيە پىرېزىدېنتى شەرا قاتاردا تۇرۇشلۇق «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەرا سەۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە ۋاسىتىچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
شارا سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ چوڭ بىر قىسمىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى سادىر قىلغان جىنايەتلەر سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئۆتمۈشتىكى ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلغان سۈرىيە خەلقىنىڭ ئوخشاش ئېمبارگولارغا داۋاملىق ئۇچرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى» دېدى.
شەرا «سېزار قانۇنى» دىن تاشقىرى سۈرىيەنىڭ 1979-يىلىدىن بۇيان ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىلىشىنىڭمۇ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مۇساپىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇددىتى تاماملانغاندىن كېيىن قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.























