خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكى بىلدۈردى.
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئەسەبىي ئىسرائىلىيەلىكلەر مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەندە، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىشى توسۇلماقتا.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ رايونغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئاشقۇن گۇرۇپپىلار ئادەم سانىنىڭ 150 كە يېتىشىگە رۇخسەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 1300 دىن ئاشقانلىقى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئەقساغا كېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىدا ۋە قەدىمكى شەھەر (قۇددۇس كونا شەھەر رايونى) ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىندى.

بامدات نامىزى مەزگىلىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى مۇسۇلماننىڭلا ئەقساغا كىرەلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇپ زوراۋانلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىلىرىغا نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىدا دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا، مەسچىتكە بېسىپ كىرگەن ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنىڭ ئادەم سانىنى 5 مىڭغا يەتكۈزۈش نىشانى بىلەن باشقىلارنىمۇ ئەقساغا بېسىپ كىرىشكە چاقىرىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ بېسىپ كىرىش ھەرىكىتىگە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى «لىكۇد»[1]نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئامىت ھالېۋى (Amit Halevi) نىڭمۇ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

پەلەستىن زېمىنلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىك گۇرۇپپىلار، يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي خاتىرە كۈنى بولغان «تىشا باۋ» [2] مۇناسىۋىتى بىلەن ئەقساغا كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ كىرىشكە چاقىرىق قىلغانىدى.

 

ئىزاھاتلار:

[1] لىكۇد (Likud): ئىسرائىلىيەدىكى ئوڭچىل مۇتەئەسسىپ سىياسىي پارتىيە بولۇپ، بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئاساسلىق پارتىيەدۇر.

[2] تىشا بئاۋ (Tisha B'Av): يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق پاجىئەلەرنى خاتىرىلەيدىغان ماتەم ۋە روزا تۇتۇش كۈنى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى  ۋىلدبېررېس ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
«بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 37 ئاشتى»
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبتىكى يەنە بىر رايونغا كىردى
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى
كانادا ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبەتلىرىنى تېزلىتىدۇ
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركىتىگە قانۇنسىز مەھسۇلاتلار سەۋەبىدىن 629 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى
لاۋروۋ شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى چو بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىلەشتى
كالىباف: ئامېرىكانىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىت
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى