خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
پەسىللىك يامغۇرلار ھەر ئىككى دۆلەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ۋە ئۆستەڭ تېشىش ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

خەيبەر پەختۇنخوا، پۇنجاپ شۇنداقلا گىلگىت بالتىستان رايونىدا پەسەللىك يامغۇرى سەۋەبىدىن 19-ئىيۇلدىن بىرى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق يامغۇرلار، تۇيۇقسىز ئۆستەڭ تېشىپ كېتىش ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىگە يول ئاچماقتا.

دائىرىلەر تۇيۇقسىز ئۆستەڭ تېشىپ كېتىش، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، ۋە توك سوقۇشقا ئوخشاش يامغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە خەيبەر پەختۇنخوا دا 20، پۇنجاپتا بولسا 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گىلگىت بالتىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى ئازاد جاممۇ كەشمىر رايونىدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆستەڭ تېشىش ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش نەتىجىسىدە ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەر ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

ھىندىستاننىڭ شىمالىي شەرقىگە جايلاشقان ئاسسام ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆستەڭ تېشىپ كېتىش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بولسا 41 گە چىقتى.

ئاسسام ئۆلكىلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆستەڭ تېشىش سەۋەبىدىن يەنە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاسسام ئۆلكىسىدىكى ئۆستەڭ تېشىش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 گە يەتتى، ئۆلكىنىڭ 25 رايونىدا جەمئىي 727 مىڭ كىشى ئاپەتنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

ئاسسام ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى ھىمانتا بىسۋا سارما 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۆلكىدە داۋاملىشىۋاتقان قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ھىندىستان ئارمىيەسىمۇ ياردەملەشمەكتە.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى  ۋىلدبېررېس ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا يادرو ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
«بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى % 37 ئاشتى»
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېكىنگەندىن كېيىن لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبتىكى يەنە بىر رايونغا كىردى
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى
كانادا ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبەتلىرىنى تېزلىتىدۇ
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باشلاندى
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭىدىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي شىركىتىگە قانۇنسىز مەھسۇلاتلار سەۋەبىدىن 629 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى
لاۋروۋ شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى چو بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىلەشتى
كالىباف: ئامېرىكانىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىت
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
پاكىستان بىلەن قاتار ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى