سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە تەمىنلىگەن «ئىراننىڭ ترامپقا قارشى سۇيىقەست» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتتىن شەكلەنگەن.
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟
ترامپ باشقا بىر ئايروپىلاننى ئىشلىتىش قارارىنى مەخپىي خىزمەت ئىدارىسىنىڭ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. (AA)

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ترامپقا تەھدىت بارلىقى ھەققىدە ئىسرائىلىيە تەمىنلىگەن ئاخباراتتىن گۇمانلانغان؛ بۇ تەھدىت خەۋىرى ئەينى ۋاقىتتا ئادەتتىن تاشقىرى مەخپىي ئۇچۇش پىلانىنىڭ تۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

چارشەنبە (2026-يىلى 12-ئاۋغۇست) كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۆتكەن ئايدا ترامپ تۈركىيەدىن ئايرىلىۋاتقاندا ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشىغا تۈرتكە بولغان «ئىراننىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارشى سۇيىقەست تەھدىت دوكلاتى»نىڭ ئىشەنچلىكلىكىدىن شەكلەنگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تەھلىلچىلىرى ئىسرائىلىيە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى قايىل قىلارلىق دەپ قارىمىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىنى ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزگەن.

بۇ ئەندىشەلەر ترامپ 8-ئىيۇل (2026) ناتو باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەنقەرەدىن ئايرىلىۋاتقاندا ئېلىنغان مۇرەككەپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە يېڭى بىر نۇقتىنى قوشتى.

گېزىتنىڭ ئىلگىرى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قاتار تەرىپىدىن ئامېرىكاغا سوۋغا قىلىنغان يېڭى «747-8 - بويىن» ئايروپىلانىنىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئەندىشەلەر تۇغۇلغانلىقتىن، پىرېزىدېنت كونا «پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانى 1-نومۇر» (Air Force One) دىن مەخپىي ھالدا ئۈچىنچى بىر ئايروپىلانغا يۆتكەلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ترامپ ئايرودۇرۇمدىكى «پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانى» دىن  «C-32A» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانغا ئايرودۇرۇمنىڭ تاماق توشۇيدىغان ماشىنىسىدا يۆتكەلگەن. ئۇ ۋە بىر كىچىك گۇرۇپپا ياردەمچىلىرى ئاندىن ئەنگلىيەنىڭ مىلدېنخول (Mildenhall) ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئۇچقان. بۇ ئايروپىلانغا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھەمراھ قىلغان.

ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

ئاقساراي سوئاللارغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمىدى. بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى: «پىرېزىدېنت ئېيتقاندەك، ئۇ ھاياتىغا قارىتا نۇرغۇن تەھدىتلەرگە، جۈملىدىن ئىراننىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلدى، شۇڭا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پىرېزىدېنتنى قوغداش، ئۇلار بۇنى قىىلۋاتىدۇ.»

مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىمۇ گېزىتنىڭ سوللىرىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىسىرائىلىيەنىڭ دوكلاتىدىن گۇمانلانغانلىقىغا قارىماي، ئاخىرىدا يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىغا قارار قىلغان.

بىر ئەمەلدار گېزىتكە: «مەخپىي مۇلازىمەت ئىدارىسى بۇنى قوشقاندا پىرېزىدېنت بىلەن ئۈچ قېتىم خەتەرلىك ۋەزىيەتكە يولۇقتى، شۇڭا ئۇلار ھېچقانداق تەۋەككۇلچىلىك قىلمايدۇ» دېگەن.

ترامپ ئۆزى سەيشەنبە (2026-يىلى 11-ئاۋغۇست) كۈنى قىلغان سۆزىدە، باشقا ئايروپىلاننى ئىشلىتىش قارارىنىڭ مەخپىي مۇلازىمەت ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ: «بۇ پۈتۈنلەي مەخپىي مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ قارارى. مەن پەقەت ئۇلار نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ باشقا بىر ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇشۇمنى تەلەپ قىلدى... مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلدىم» دېگەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ مەقسىتى كۆزىتىلمەكتە

گۇمانلار ئارىسىدا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ نېمىشقا بۇ دوكلاتنى ۋاشىنگتون بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە بولغانلىقى ياكى ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەزى نۆۋەتتىكى ۋە سابىق ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋەر قىلىشى، قىسمەن ترامپنىڭ قارار چىقىرىشىغا ۋە ۋاشىنگتوننىڭ رايونغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

ئھەۋالدىن خەۋەردار بىر سابىق ئەمەلدار: «بۇ ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەندىزىسىگە ماس كېلىدۇ، بەزى ئەمەلدارلار بۇنى پىرېزىدېنتقا ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن دەپ قارايدۇ» دېگەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ (Marco Rubio) ھەم ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتى، ھەمدە مەخپىي مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ پىلانلانغان مەشغۇلات پىلانى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقى ئېيتىلغان. گېزىت تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان سابىق ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنداق بولسىمۇ رۇبىيو كونا «پىرېزىدېنت مەخسۇس ئايروپىلانى 1-نومۇر» غا ئولتۇرغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump confirms aircraft switch after NATO summit
ئىزدىنىڭ
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شارا: ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئىسپانىيە: سېئۇتادىكى 50 مىڭ كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسى ماراكەشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ھەربىي يۈك توشۇيدىغان پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى